ترامپ قاشىقچى توغرۇلۇق ئەتراپلىق دوكلات تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشىقچى) جىنايىتى توغرۇلۇق پات يېقىندا ئەتراپلىق دوكلات تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1089914
ترامپ قاشىقچى توغرۇلۇق ئەتراپلىق دوكلات تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست  جەمال قاشىقچى (خاشىقچى) جىنايىتى توغرۇلۇق  20-نويابىردا ئەتراپلىق دوكلات تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋتقانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، مالىبۇ شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا مەركىزى ئىسختىبارات ئىدارىسىنىڭ ژۇرنالىست قاشىقىچنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈستىدە توختالغان ترامپ: تېخى ئېنىق خۇلاسە چىقمىدى،شۇڭا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق بىر نەرسە دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات تېخى تولۇق تاماملانمىدى، دېدى.

ترامپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بەلكىم دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئەتراپلىق دوكلات تەييارلىنىپ بولىدۇ.»

بۇ ۋەقە توغرۇلۇق مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى گىنا ھاسپېل بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى دېگەن ترامپ: بىر مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەقىقەتەن ۋەھشىيلىكتۇر، دېدى.

كالىفورنىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاقساراينىڭ قورۇسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىگە جەمال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تەخت ۋارسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ : ماڭا ھازىرغىچە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قاشىقچى جىنايىتىدە قولى يوقلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دەيدىغانلىقىنى كۈتىشىمىز كېرەك، دېگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېتېر ناۋۇرت، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاسپېل بىلەن جەمال قاشىقىچى جىنايىتى توغرۇلۇق كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

باياناتچى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى ھەققىدە ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىپ بولغانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى  بىلدۈرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر