CIA: جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان شدھزادىسى چۈشۈردى

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) نىڭ  ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1089752
CIA: جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان شدھزادىسى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Washington Post › گېزىتى» نىڭ،  بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇھىم دەلىل – ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، جامال قاشىقچىنى   ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىىگە زىيان يەتمەسلىك ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، CIA جىنايەتنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى بولغان قېرىندىشى خالىد بىن سەلماننىڭ، جامال قاشىقچى بىلەن بىرقانچە قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىگە ئالاقىدار كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش  نەتىجىسىدە شۇنداق يەكۈن چىقارغان. خالىد بىن سەلمان جامال قاشىقچىغا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى، چۈنكى بۇنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار، خالىدنىڭ بۇ جىنايەتتىن خەۋىرى بار – يوقلۇقىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى، ئەمما، خالىدنىڭ مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن جامال قاشىقچىغا شۇنداق دېگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى فاتىمە باشېن، خالىدنىڭ جامال قاشىقچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا بېرىشى توغرۇلۇق تېلېفوندا سۆزلەشمىگەنلىكىنى، CIA نىڭ يەكۈنىنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ Associated Press (AP)  ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى» دېگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ باياناتچىسى شەلان ئەششەلان، ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بار 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جامال قاشىقچى جىنايىتىدىكى رولى ۋە مەلۇماتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بۇ جىنايەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى ھەم مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ئۇنىڭغا خاتا دوكلات يوللانغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر