پەلەستىندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇدۇستا بىر كىشىنى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىر يارىلاندۇردى.

1088342
پەلەستىندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بايانات بېرىپ، شەرقىي قۇدۇستىكى ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر قاراقولدا ساقچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان بىر پەلەستىنلىكنىڭ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما، ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە جىددىي ياردەم ئەترىتى – قىزىل داۋۇت يۇلتۇزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە ئىككى ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر