فاتھۇللاھچىلار بىلەن ئالاقىسى بار بىر ئامېرىكىلىق سىياسەتچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان تېكساسنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستېۋ ستوكمان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1088325
فاتھۇللاھچىلار بىلەن ئالاقىسى بار بىر ئامېرىكىلىق سىياسەتچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان تېكساسنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستېۋ ستوكمان چىرىكلىك، ئالدامچىلىق ۋە باج ئوغرىلاش قاتارلىق 23 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

تېكساس ھاۋستون سوت مەھكىمىسى، ستوكماننى كەڭ دائىرىلىك چىرىكلىك ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش ۋە سايلام جەريانىدا توپلىغان ئىئانىلەرنى خۇسۇسىي ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ۋە سايلام پائالىيىتى قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ستوكماننىڭ ئىككى ياردەمچىسى مەزكۇر جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ستوكماننىڭ پوچتا ئالدامچىلىقى، فېدېراتىپ سايلام كومىتېتىغا خاتا مەلۇمات بېرىش، پۇل ئاقلاش، سايلام ئىئانىلىرىنى خۇسۇسىي ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش، خاتا باج باياننامىسى بېرىش ۋە يالغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدىن پۇل توپلاش قاتارلىق كۆپلىگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېكساسنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستېۋ ستوكمان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ئامېرىكىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇلمىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ تېكساستىكى كۆپلىگەن پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇقلارنى سۆزلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر