نىگېرىيەدە خولېرا تۈپەيلى 71 ئادەم قازا قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدا خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى تۈپەيلى 2 ئاي ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 71گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1086167
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى تۈپەيلى 2 ئاي ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 71گە يەتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شەرقىي شىمال رايونى ۋەكىلى دوكتور كوللىنىس ئوۋىلى، يوبې ۋىلايىتىگە قاراشلىق 5 رايوندا 2 ئاي ئىچىدە 71 ئادەمنىڭ خولېرا تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رايوندا 2 ئاي ئىچىدە 1759 خولېرا ۋەقەسى بايقالغانلىقىنى ئېيتقان دوكتور ئوۋىلى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقسىز داۋالاش خىزمىتى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نىگېرىيەنىڭ پاكىز سۇ يېتىشمەيۋاتقان رايونلىرىدا پات-پات خولېرا كېسەللىكى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈپەيلى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلار مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.