سىسى بىلەن ئابباس پەلەستىن داۋاسى ئۈستىدە كېڭەشتى

ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بىلەن مەھمۇد ئابباس پەلەستىن داۋاسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

1080995
سىسى بىلەن ئابباس پەلەستىن داۋاسى ئۈستىدە كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بىلەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، مىسىرنىڭ شارم ئەش-شەيخ شەھىرىدە كۆرۈشۈپ پەلەستىن داۋاسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر شارم ئەش شەيختىكى "دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيى"دىن ئىلگىرى كۆرۈشتى، سىسى مىسىرنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىسى بىلەن ئابباس رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن پەلەستىن داۋاسى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەر ئۈستىدە كېڭەشكەن.

كۆرۈشۈشتە، مەھمۇد ئابباس مىسىرنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى قوللاپ كېلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى دېگەندىن سىرت، پەلەستىن داۋاسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر