ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن 16 سابىق ساقچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ھىندىستاندا 1987 – يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 42 مۇسۇلماننى قەستەن ئۆلتۈرگەن 16 سابىق ساقچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1079617
ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن 16 سابىق ساقچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پايتەخت دېھلىدا سوت ئېچىپ، «ھاشىمپۇرا قەتلىئامى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمان بىلەن ھىندۇلار ئارىسىدا چىققان ۋەقەدە 42 مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار دېلوغا قاراپ چىقتى؛ سوت كوللىگىيەسى، 16 سابىق ساقچىنى قورالسىز، مۇداپىئەسىز كىشىلەرنى قەستەن ئۆلتۈرۈش، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش، جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىپ تاشلاشتەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەزكۇر سابىق ساقچىلارنىڭ 42 مۇسۇلمان ئەرنى قوللىرىنى باغلىغان ھالدا كىچىك تىپلىق يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئىككى پەرقلىق جايغا ئاپىرىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى ئېقىنلارغا تاشلىۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلغان ساقچىلارنىڭ سانىنىڭ ئەسلىدە 19 ئىكەنلىكى، بىراق، بۇلاردىن ئۈچىنىڭ 31 يىل داۋاملاشقان سوتلاش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر