ئىران ئىسلاھاتچىلىرى رەھبىرى ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ رەھبىرى، سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد خاتەمى، ھاكىمىيەت خاتالىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1078247
ئىران ئىسلاھاتچىلىرى رەھبىرى ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد خاتەمى، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئەگەر ھاكىمىيەت، خاتالىقلىرىدا چىڭ تۇرسا، تەنقىدلەر نامايىشلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، ئېنىق ئەمەس» دېدى.

ئۇ، ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىران ھاكىمىيىتى ۋە ئىنقىلابىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، مەزكۇر سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ ھاكىمىيەت سېپىدە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «ئەگەر خەلق ئىچىدە ئىسلاھاتچىلارنىڭ بىر ئىش قىلمىغانلىقى قانائىتى ھاسىل بولۇپ قالسا، خەلق تۈزۈمنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارغا يۈزلىنىدۇ» دېدى.

خاتەمى، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتىنى ئىجابىي تەنقىدلەر ئارقىلىق قوللاش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىراندا ئىسلاھاتچىلار، كونسېرۋاتىپلار تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىۋاتقان ۋە دۆلەتنىڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان لىدىر ئەلى خامەنېينى ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇش، ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسەتتە خاتا يول تۇتۇش بىلەن ئەيىبلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر