پومپېيو 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1077867
پومپېيو 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېگراممىسىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى نامىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قۇتلاۋاتقان تۈرك خەلقىنى تەبرىكلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن مايك پومپېيو، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك شېرىكچىلىك، پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەركىنلىك، باياشاتلىق، مۇقىملىق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق مۇھىم ئورتاق نىشانلارنى كۈچەيتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پومپېيو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق ۋە باياشاتلىق يارىتىش يولىدا ئونلارچە يىلدىن بۇيان بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدىكى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىز كۈچلۈك ۋە داۋاملىشىۋاتقان شېرىكچىلىكىمىز، رايون خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ تېلېگراممىسىنى «(تۈرك خەلقى) بۇ كۈننى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بىزمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قايتىدىن تەكىتلەيمىز ۋە ئورتاق قىزىقىش ساھەلىرىمىزگە ۋە ئۆتمۈشىمىزنىڭ كۈچلۈك رىشتىلىرىگە تايانغان ھالدا كېلەچەكتىكى ھەمكارلىقلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر