تۈركىيە ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئايروپىلان قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.
1077649
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ پايتەخت جاكارتادىن پاڭكال پىناڭغا كېتىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە چۈشۈپ كەتكىنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە قېرىنداش دۆلەت ھىندونېزىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
لوئىڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت « Boeing 737 MAX 8 » تىپلىق « JT 610 » يولۇچىلار ئايروپىلانى، 181 يولۇچى ۋە 8 ئايروپىلان خادىمى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە جاكارتادىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەنىدى.