ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بەزى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي: « دېگىنى ئانچە ئەشەنگىلى بولمايدىغان بىر بايانات بولدى. شۇڭا زادى نېمە بولغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئۇتتۇرىغا قويۇلىشىغا جىددىي ئېھتىياج بار» دېدى.

1074892
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بەزى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە قاتناشقان گۇماندارلارنىڭ ئەنگلىيە ۋىزىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرېسا مەي ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ئاۋام ئۆيىدە چاقىرغان ھەپتىلىك «باش ۋەزىردىن سوئال» يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بارلىق گۇماندارلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئۆتمەكچى. ئەگەر بۇ كىشىلەر ۋىزا ئالغان بولسا، ھەممسى بۈگۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ» دېدى.

جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى مۇمكىن بولغان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تېرېسا مەي، «يوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىنتايىن ئوچۇق بىلدۈردۇق. <جەمال قاشىقجى مالىمانچىلىقتا ئۆلۈپ كەتتى> دېگىنى ئانچە ئەشەنگىلى بولمايدىغان بىر بايانات بولدى. شۇڭا زادى نېمە بولغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئۇتتۇرىغا قويۇلىشىغا جىددىي ئېھتىياج بار» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سودا يىغىنىغا ئەنگلىيەنىڭ ھېچ بىر مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى قاتمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تېرېسا مەي، ئۆزىنىڭمۇ جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەققىدە بۈگۈن پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر