گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى) ۋەقەسى تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى.

1072867
گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، سەئۇدى ئەرەبىستانغا چەكلىك مىقداردا سېتىپ بېرىلىۋاتقان قورال-ياراغلارنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل ھېسسېن ئۆلكە باشلىقى ۋولكېر بوففىئىر بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقەنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنقىلاپ چىقىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان مېركېل، ھازىرغىچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مېركېل : سەئۇدى ئەرەبىستانغا چەكلىك مىقداردا سېتىپ بېرىلىۋاتقان قورال-ياراغلارنى توختىتىمىز، دېدى.

باش مىنىستىر مېركېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى) ۋەقەسىگە خەلقئارا سەۋىيەدە  نازارىلىق بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو ماسمۇ ئالدىنقى كۈنى « ARD » ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى) ۋەقەسى ئايدىڭلاشمىغۇچە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بەرمەيمىز.»

گېرمانىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئالجىرىيەدىن قالسا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلدى.  

گېرمانىيە بۇ يىل ئىچىدە ئالجىرىيەگە تەخمىنەن 741 مىليون 500 مىڭ ياۋرو، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بولسا تەخمىنەن 417 مىليون ياۋرولۇق قورال-ياراغ ساتتى.

2016-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 530 مىليون ياۋرولۇق قورال ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان گېرمانىيە، 2017-يىلى بۇ ساننى 249 مىليون ياۋروغا چۈشۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى،  2-ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ  «كونسۇلخانسى بىناسىدا يۈز بەرگەن جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى»بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر