ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى مەنئى قىلىش لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىش ۋە ياردەم قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى.

1070817
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى مەنئى قىلىش لايىھەسى سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماسۇچۇسېت ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق  ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا پۈتكۈل قورال سېتىش ۋە ياردەم قىلىش پىلانلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن پالاتاغا قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دېموكراتلار پارتىيەسى پالاتا ئەزاسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، «مىنىستىر پومپېئو، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ <جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا بۇيرۇق ياكى يوليورۇق چۈشۈرمىگەنلىكى> ئېنىقلىنىپ بولغۇچە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارلىق ھەربىي ياردەم ۋە قورال سېتىشلارنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن، ئاۋام پالاتاسىغا قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي شەكىلدە سۇندۇم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنمىغان قانۇن لايىھەسىنى ھازىرغىچە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن 6، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن 2 پالاتا ئەزاسى قوللىدى.

تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەم كومىتېت ھەم پالاتادا ماقۇللىنىپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، كۆپ سانلىقنى ئىگىلەۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېھتىياجى بار.

ترامپ دائىرىلىرىنى قاشىقجى مەسىلىسىدە ئەيىبلىگەن بەزى جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى، مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ئايدىڭلىتىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، رىياد دائىرىلىرىگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئارقا – ئارقىدىن بايانات بەرگەنىدى.

سەئۇدى ئىسلاھاتچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئوخشاشلا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىغا ماقالە يېزىۋاتقان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ھەققىدە 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن خەۋەر ئېلىنالماي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر