ئىراندا ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلىدى
ئىراندا ئوقۇتقۇچىلار 8 دىن ئارتۇق شەھەردە تە بىرلا ۋاقىتتا ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، «ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلىشى لازىم» دېگەن چاقىرىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن پايتەخت تېھران، تەبرىز، مەشھەد، شىراز، ھەمادان، مەرىۋان، قىرمانشاھ، ئىيلام ۋە ياسۇج قاتارلىق شەھرەلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئىش تاشلىدى.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزۈشى مەكتەپلەردىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
ئىران ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بىر قانچە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، ئىراندىكى قىممەتچىلىك ۋە پۇل پاخاللىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 14 – ئۆكتەبىر كۈنىدىن 15 – ئۆكتەبىرگىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرمەسلىكى چاقىرىق قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر ئۇقۇتۇرۇشتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشلىرى ۋە خىزمەت شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشىگە دائىر ئالاقىدار مەسئۇللارغا قانچىلىغان قېتىم تەلەپلەر يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە يەنە، ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىۋاتقان بېسىم ۋە نازارەتكە ئېلىش ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىمۇ تەلەپ قىلىنغان ئىدى.