خىتايدا كان پارتلاپ 5 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا گاز قاپسىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولدى.
1068952
![خىتايدا كان پارتلاپ 5 كىشى ئۆلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a4c4/c10e/44c0/5b6be5159e9d5.jpg?time=1718913988)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پارتلاشنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىگە قاراشلىق چىجىئاڭ رايونىدىكى كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىشچىلار كۆمۈر كانىنى تاقاۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 5 كىشى ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغان 3 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.