ئاۋسترىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەللىك، كۆچمەن ۋە مۇسۇلمان سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1062818
ئاۋسترىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى، ئوڭچىل مىللەتچى ئاۋسترىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن ئاشقۇن مىللەتچى ئەركىنلىك پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەللىك، مۇسۇلمان ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

باش مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىغا يىغىلغان تەخمىنەن 20مىڭ كىشى «ھازىر بىرلەشتۇق، ناسسىتلار ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قارشىمىز، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېبېرت ئىستېپا بەرگىن»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

ئاۋسترىيەدە 2000-يىلى  قۇرۇلغان ئوڭچىل مىللەتچى ئاۋسترىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن ئاشقۇن مىللەتچى ئەركىنلىك پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەللىك، مۇسۇلمان ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نامايىشتا سۆز قىلغان سەنئەتچى ستېفانې سورىيال جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقچىلىق ھادىسىلىرىنى مىسال كۆرسىتىپ، ھازىرقى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋسترىيەدە كۈندىن-كۈندىن ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقچىلىق ۋە دۈشمەنلىك خاھىشىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سورىيال ئوخشىمىغان كىملىك ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە كىشىلەرنىڭ ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەملىكەت ئىچىدە مۆتىدىل كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئاشقۇن مىللەتچى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

جەمئىيەتتە دۈشمەنلىك، ئىرقچىلىق ۋە زورۋانلىق خاھىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سەنئەتچى سورىيال: ئەپسۇس بۇ ھۆكۈمەت ئىنسانلارنى سىنىپقا ئايرىماقتا ئىرقچىلىققا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە، جەمئىيەتتىكى خىلمۇ خىللىقنى يوق قىلماقتا، دېدى.

ئوماس گېگېن رېچتس ئىسىملىك ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى مونىكا سالزېرمۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت سەۋەبىدىن ئاۋسترىيەدە فاشىزمنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: ناستلارنىڭ دەۋرىگە شاھىت بولغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياشلارنىڭ كېلەچىكى ۋە ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئاشقۇن مىللەتچى ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرنى ئاداققىچە قوللايمەن، دېدى.

باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرزنىڭ جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان سەلبىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سالزېر، ئاشقۇن مىللەتچى مىنىستىرلارنىڭ جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن دېموكراتىيەگە زىت ئەھۋاللارغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

نامايىش نۇرغۇن ئاممىۋى جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر