ئالجىرىيە پارلامېنتى خىزمەتتىن توختىدى

ئالجىرىيە پارلامېنت باشلىقى سەيىد بۇھاجە پارلامېنتنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

1061131
ئالجىرىيە پارلامېنتى خىزمەتتىن توختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە پارلامېنت باشلىقى سەيىد بۇھاجە سىياسىي كىرىزىس تۈپەيلى پارلامېنتنىڭ خىزمەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

ئالجىرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سەيىد بۇھاجە، پارلامېنتتىكى 5 پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دائىرىسىدە ئالدىن پىلانلانغان پائالىيەتلەرنى توختاتتى.

سەيىد بۇھاجەنىڭ مەملىكەتلىك ئازادلىق پارتىيەسى بولۇپ 5 پارتىيە ۋەكىللىرى يەكشەنبە كۈنى، پارلامېنت باشلىقى بۇھاجە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمىسە پارلامېنتتىكى خىزمەتلىرىنى توختىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاشقانىدى.  

مەملىكەتلىك ئازادلىق پارتىيەسى باش كاتىپى جەمال ۋەلەد ئابباس شەنبە كۈنى پايتەختنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەدىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا، پارلامېنتتىكى 462 پارلامېنت ئەزاسىدىن 320سىنىڭ پارلامېنت باشلىقى بۇھاجەنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئۈچۈن ئىمزا يىغقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پارلامېنت باشلىقى بۇھاجە ئىستېپانامەسىنى پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتەفلىكقا تاپشۇرۇشى كېرەك.

بۇھاجە 2017-يىلى مايدا ئالجىرىيە مەملىكەتلىك خەلق مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر