ئىتالىيەدە كۆچمەن سۆيەر رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى نازارەتكە ئېلىندى

ئىتالىيەدە كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن تۇنۇلغان رايس رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى دومېنىكو لۇكانو نازارەتكە ئېلىندى.

1060537
ئىتالىيەدە كۆچمەن سۆيەر رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رېگگو كالابرا شەھرىگە قاراشلىق رايس رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى دومېنىكو لۇكانو قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى.

ئىتالىيەنىڭ «ANSA» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، قانۇنسىز كۈچمەنلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئەخلەت يېغىش خىزمەتلىرىگە ئالاقىدار قانۇنسىز پائالىيەتلەردە بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن دومېنىكو لۇكانونىڭ مالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ، ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

لوكرى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا بىنائەن تەييارلىق تەكشۈرۈشلىرىگە مەسئۇل سودىيەنىڭ تەدبىر ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇش قارارى ئالغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىتالىيەدە، «كۆچمەنلەرنى قوغدايدىغان ۋە قانۇنغا ماسلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولغان رايونلۇق ھۆكۈمەت» دەپمۇ تونۇلغان رايس رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىدىكى رادىكال ئوڭچى ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ماقۇللىغان قارارلىرى بىلەن سولچى تەشكىلاتلار ۋە زيالىيلار تەرىپىدىن «ئۈلگىلىك رايونلۇق ھۆكۈمەت» دەپ كۆرسىتىلىپ كەلمەكتە ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر