ئىران، رىياد ۋە ۋاشىنگتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرنىڭ تېھران دائىرىلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1059325
ئىران، رىياد ۋە ۋاشىنگتونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پومپېئونىڭ ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىناسىنىڭ خىزمەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقى ۋە يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق بىر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە «كۈلكىلىك شۇنداقلا گۇمانلىق» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكىنىڭ، ئىرانغا قارشى باياناتلىرىنى «ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن» بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قاسىمى، تېھراننىڭ دىپلوماتلارغا ۋە دىپلوماتىك ئورۇنلارغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئامېرىكا، ئىران توغرىسىدىكى ئاساسسىز دەۋالىرىدىن ۋاز كېچەلمىدى» دېگەن بەھرام قاسىمى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىنىش مۇساپىسىگە ئالاقىدار  پىلان تۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىران كېڭەيمىچى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى لازىم» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رىياد دائىرىلىرىنى «تېررورىزمنىڭ قوللىغۇچىسى» بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ، «رادىكال» پىكىرلىرىنىڭ ۋە بۇ يۆنىلىشتىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ تېررورىزمنىڭ مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن باياناتچى قاسىمى، رىياد دائىرىلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئىسرائىلىيە لوبىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردىن بېرىلگەن مىلياردلارچە دوللار سايىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ، ئۇرۇش ۋە مۇقىمسىزلىقنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر