ماراكەش دېڭىز ئارمىيەسى كۆچمەنلەر كېمىسىگە ئوق چىقاردى
ماراكەش دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆچمەنلەرگە كېمىسىگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى.
1057265
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Morocco World News › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماراكەش دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاقدېڭىز ئارقىلىق ئىسپانىيەگە كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەر كېمىسىگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر كۆچمەن ئايال قازا قىلغان، 3 كىشى يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار بۇ ھادىسىگە جاۋابكار دەپ قارىغان كىشىلەرنى قولغا ئالغان.