مالىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان تۇئارېگلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ، مالىنىڭ شىمالىدىكى تۇئارېگلار ياشايدىغان بىر يېزىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1056911
مالىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان تۇئارېگلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موتوسىكلېتلىق بىر گۇرۇپپا ھۇجۇمچى مالىنىڭ مېنېكا شەھىرىگە 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىنكار يېزىسىغا قورال ۋە قول بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەدە تۇئارېگ قەبىلىسىدىن 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى پۇقرالارنى قايتىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەقىقىي سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان ھۇجۇمنىڭ، قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئىچكى ھېسابلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆزلىرىنى ئەندەلۇس فاتىھى تارىق بىن زىياد ۋە ئامازىغلىقلارنىڭ ئەۋلادى، دەپ قارايدىغان تۇئارېگلار، ئاساسلىقى لىۋىيە، مالىيە، نىگېر ۋە بۇركىنا فاسو قاتارلىق ئەللەردە ياشايدۇ. ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۇئارېگلارنىڭ سانى 3 يېرىم مىليون ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ: #مالى , #ھۇجۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر