ترامپ ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1055166
ترامپ ھەسەن  رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو،  پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇشۇ ھەپتە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىران پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مايك پومپېيو ئامېرىكىدىكى « NBC » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن باشلىنىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈستىدە توختالدى.

پومپېيو: «پىرېزىدېنت ترامپ بىرسى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تولىمۇ ئوچۇق»دېدى،لېكىن پومپېيو كۆرۈشۈشنى ترامپنىڭ ئەمەس ھەسەن رۇھانىنىڭ تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، 140تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئۆتكەن يىلقى ب د ت ئومۇمىي كېڭەش ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەنى يادرو پىروگراممىلىرى تۈپەيلى «يوق قىلىش»بىلەن تەھدىت سالغان بولسا، بۇ يىلقى ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا ئىراننى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ترامپ يەنە 26-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىران يادرو كېلىشىمى ۋە قىرغۇچى قوراللار»تېمىلىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەسمىي جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەسەن رۇھانىغا دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا ھاقارەت قىلىدىغان گەپ-سۆزلەر»نى ئاڭلىماسلىقى ئۈچۈن نىيۇيوركقا بارماسلىقى توغرىسىدا بېسىم قىلىنىۋاتقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر