چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلادا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1054526
چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازا بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ مىللىي پۇللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش چاقىرىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى دوللارنى بىر ھۇجۇم ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆزئارا سودا ئىشلىرىدا يەرلىك پۇللارنى ئىشلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. پۇللار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.»

ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەقەت ۋېنېزۇئېلا بىلەنلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىشنى خالايمىز. دۆلىتىمىز يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەمما تۈركىيە ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە كۈچلۈك ئىستىراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ھۇجۇمغا تاقابىل تۇردى. دۆلىتىمىز نۆۋەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىم ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىرقاتار تەدبىرلەرنى ئالدى. دۆلىتىمىز بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق سايىسىدا بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە ۋېنېزۇئېلا  مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلى رودرىگۇئېز ۋە ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

مادۇرو بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بىز نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشەققەتلىك كۈنلەردە تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز. بىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمىشە ۋېنېزۇئېلا دۆلىتى ھەم خەلقىنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر