گېرمانىيە: تۈركىيە ئىدلىب ئۇچرىشىشلىرىدا پەۋقۇلئاددە رول ئويناۋاتىدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، بولۇپمۇ ئىدلىب شەھىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا پەۋقۇلئاددە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

1054245
گېرمانىيە: تۈركىيە ئىدلىب ئۇچرىشىشلىرىدا پەۋقۇلئاددە رول ئويناۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس لاتۋىيە مىنىستىرى ئېدگارس رىنكېۋىجس بىلەن بېرلىندە كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇشۇ ئاي (سېنتەبىر) بېشىدا تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن نورماللىشىشى نۇقتىسىدىن باشلانغۇچ دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىدلىبتە قوراللاردىن تازىلانغان رايون تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىنسانىي بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىدلىب شەھىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا پەۋقۇلئاددە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

گېرمانىيە ۋە تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىدىن مۇقىم بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قارارلارنى ئۆزى چىقارالايدىغان ئەھۋالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەم ئىككى دۆلەت ھەمدە خەلقئارالىق سەۋىيەدە تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ پايدىلىق ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇ (سېنتەبىر) ئاي ئاخىرى گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر