ئىككى كورېيە رەھبەلىرى ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېىن بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭيادا كۆرۈشۈپ، تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

1052313
ئىككى كورېيە رەھبەلىرى ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇن جائېىن بىلەن كىم جوڭئۇن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە بېرىلگەن رەسمىي زىياپەت ئەسناسىدا سۆز قىلىپ، قىيىنچىلىقلار ۋە پەيدا بولغۇسى مەسىلىلەرگە قارىماي، تىنچلىق ۋە ئورتاق باياشاتلىق يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

شىمالىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى كورېيە باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان 3 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى تۈنۈگۈن باشلىغان مۇن جائېىن، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ كۈنتەرتىپلىرىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تىنچلىق ئورنىتىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ يوقىتىلىشى مۇساپىسى يېڭى باشلاندى. ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بىر كېلەچەك قۇرۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

زىياپەت ئەسناسىدا كىم جوڭئۇنمۇ سۆز قىلىپ، مۇن جائېىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ كورېيەلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كورېيە خەلقى ئۈچۈن «تارىخىي پۇرسەت» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كىم جوڭئۇن، مۇن جائېىن بىلەن 27 – ئاپرېلدا چېگرادىكى پانمۇنجوم يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئىشارەت قىلىپ، «مەن ۋە مۇن جائېىن، پانمۇنجوم خىتابنامىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى سەمىمىي شۇنداقلا ئوچۇق- يورۇق ھالەتتە مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، مۇن جائېىنغا بولغان ئىشەنچىسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ تىنچ ۋە باياشات بىر كورېيەگە قاراپ تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ، سۆھبەتلەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى بۈگۈن داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

مۇن جائېىن بىلەن كىم جوڭئۇن ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي يىغىنىدىن كېيىن، 26 – مايدا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈپ، دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر