ئامېرىكا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى خۇسام زوملوت ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقامىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. تەشكىلاتنىڭ بانكا ھېسابلىرىنىمۇ توڭلاتتى.

1050747
ئامېرىكا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەھمەت مەجدەلانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى خۇسام زوملوت ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقامىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككى قارارنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، قارارنىڭ ئىنسانىيلىققا ۋە دىپلوماتىك قائىدەلەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بەلكى ياۋايىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى خۇسام زوملوت ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقامىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەشكىلاتنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلاتتى. ئوتتۇرىدا دىپلوماتىك كېلىشەلمەسلىك بار بولسىمۇ، زوملوتنىڭ كىچىك بالىلىرىنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىقامىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2017-يىلى يانۋاردا ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپلا ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تۇتتى. پىرېزىدېنت ترامپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆزىگە يېقىن بىر كومىتېت قۇرۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىسىرائىلىيەگە پايدىلىق قارارلارنى چىقىرىپ، پەلەستىن تەرەپتە چوڭ كىرىزىسلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ترامپ دەسلەپتە قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئارقىدىن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى توختاتتى، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مانا ئەمدى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىدى. ئۇ بىر قاتار يۇقىرىدكىدەك قارارلارنى چىقىرىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىش يولىغا ماڭدى.

ترامپ يولغا قويغان سىياسەتلىرى بىلەن «ئەرەب باھارى» دىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە شەكىللەنگەن يېڭى ئىتتىپاق ۋە قۇتۇپ تەرەپدارلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە سېپىدىن ئورۇن ئالغۇزدى. ئۇ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىدى، ئاندىن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىسمى قويۇلمىغان ئەمەلىيەتتىكى ئىتتىپاقنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئىسىرائىلىيەگە بولغان سادىقلىقىنى، «يەھۇدىي دۆلىتى» نىڭ دۇنياۋى ۋە رايونلۇق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى بىرمۇ بىر ئورۇنلاپ، ئىسپاتلاشقا تىرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر