ئىراقتا ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرى ئاقسىماقتا

ئىرقتا بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان مۇقتەدا ئەس سادر ۋەزىيەت مۇشۇ پېتى داۋاملاشقان تەقدىردە ئۆكتىچىلەر سېپىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1049269
ئىراقتا ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرى ئاقسىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا بۇ يىل 12-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان مۇقتەدا ئەس سادر باش مىنىستىرلىق ئۈچۈن «سەرخىل ۋە مۇستەقىل»نامزاتلار مەسىلىسىدە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مۇقتەدا ئەس سادر ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا مۇنۇ ئۇچۇرنى يازدى: «ئىراقنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باش مىنىستىرلىق ئۈچۈن بىر نەچچە سەر خىل ۋە مۇستەقىل نامزاتلار مەسىلىسىدە كېلىشتۇق. بۇ باش مىنىستىر كابېنتىنى پارتىيە، ئېتنىك ۋە مەزھەب ئايرىمچىلىقىدىن خالىي، لاياقەتلىك، تەرجىبىلىك ۋە پاك كىشىلەردىن قۇرۇپ چىقىدۇ.»

بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ «سەر خىل ۋە مۇستەقىل»چۈشەنچىسىنى رەت قىلغانلىقلىرىنى، بۇ سىياسەتچىلەرنىڭ  ئىراقنى قايتىدىن چىرىكىلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىش نىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سادر، ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋاملاشقان تەقدىردە ئۆكتىچىلەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سادر تۈنۈگۈن نەجەفتىكى ئۆيىدە ھاشدى شابى قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئورۇن ئالغان فەتىھ بىرلەشمەسى رەھبىرى ھادى ئەل ئامىرى بىلە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر تېز سۈرئەتتە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا كېلىشكەن.

ئىراقتا شىئە شەيخلىرىدىن ئالى ئەس سىستانى، بۇرۇنقى مەزگىللەردە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھازىرقى باش مىنسىتىر ھايدار ئەل ئىباردى تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باش مىنىستىرلىقنى قايتا تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ «شەيخ ئايەتۇللاھ ئەس سىستانىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز ۋە ماسلىشىمىز. ئىككىنچى قېتىم باش مىنىستىرلىقنى قايتا تەلەپ قىلمايمەن. باش مىنىستىرلىق ماقامىغا يېپىشۋالمايمىز»دېيىش ئارقىلىق باش مىنىستىرلىققا نامزات بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئىراقتا بۇ يىل 12-مايدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىياسىي ئىختىلابلار تۈپەيلى ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر