خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
![خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/bb55/1f5b/b035/5b967598afd79.jpg?time=1718911782)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ قوشۇمچە باج قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر باجنى ئاشۇرۇش داۋاملىشىدىغان بولسا، ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپ ئەگەر يېڭى قوشۇمچە باج قويۇشنى داۋملاشتۇرغان تەقدىردە، خىتاينىڭمۇ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋال، ئەسلىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 23 – مارتتا ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا رەت بويىچە %25 ۋە ئاندىن %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشى بىلەن باشلانغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قويغان قوشۇمچە باجغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاپرېل ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ماركىلىرى بېسىلغان 128 خىل مەھسۇلاتقا %15 تىن %25 كىچە قوشۇمچە باج قويغان ئىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 22- مارتتا خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ۋە پىكىر-مۈلكىيەت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن قانۇنسىز پائالىيەتلەردە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 1000 دىن ئارتۇق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 2 باسقۇچلۇق ھالدا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېچى قويىدىغانلىقنى ئېلان قىلدى.
بېيجىڭ دائىرىلىرى پەقەتلا خىتاينى نىشان قىلغان بۇ ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، بۇ قارارغا جاۋابەن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان 50 مىليارد دوللارلىق 659 تۈرلۈك مەھسۇلاتقا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 18 – ئىيۇندا، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا جاۋابەن ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرماقچى بولىدىكەن، 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا قوشۇمچە باج قويۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئامېرىكا 6 – ئىيۇلدا خىتايدىن ئېمپورت قىلىنغان 34 مىليارد دوللارلىق 800 تۈرلۈك مەھسۇلاتقا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى دونالد ترامپنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماستىن، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇتلارغا قوشۇمچە باخ قويۇش قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 50 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش قارارىنىڭ 16 مىليارد دوللارلىق ئىككىنچى قىسمىغا قارىتا 23 - ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا قىلىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي ھۆۈكۈمىتىمۇ، 23 – ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ 16 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىغا %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارىغا جاۋابەن، ئامېرىكىنىڭ 16 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا %25 قوشۇمچە باج قويغان ئىدى.