بېيجىڭدا ئافرىقا-خىتاي سودا مۇنبىرى چاقىرىلدى

بېيجىڭدا 50دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان 2018-يىللىق خىتاي-ئافرىقا سودا مۇنبىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلدى.

1042016
بېيجىڭدا ئافرىقا-خىتاي سودا مۇنبىرى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ 50دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان 2018-يىللىق خىتاي-ئافرىقا سودا مۇنبىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا باشلىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا 1 مىليارد 200 مىليون نوپۇسلۇق ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى  بولغان خىتاينىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىندا تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول ئىستىراتېگىيەسى توغرۇلۇقمۇ كېڭەش ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پائالىيەت»دەپ تەرىپلەنگەن بۇ قېتىمقى يىغىندا، خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدا كەڭ دائىرلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا 3 يىل داۋاملىشىدىغان بيېجىڭ ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئورتاق خىتابنامەنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي شىركەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، قاتناش ۋە مائارىپ بولۇپ نۇرغۇن ساھەگە مەبلەغ سالماقتا.

ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شىرىكى بولغان خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا مىقدارى 170 مىليارد دوللارغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر