ئامېرىكانىڭ سابىق باش ئەلچىسىنىڭ پ ك ك ھەققىدە ئېيتقانلىرى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكانىڭ سابىق ئەنقەرە باش ئەلچىسى جېيمېس جېفرېي تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د|ي پ گ ھەققىدىكى ئەندىشەلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1034184
ئامېرىكانىڭ سابىق باش ئەلچىسىنىڭ پ ك ك ھەققىدە ئېيتقانلىرى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېيمېس جېفرېي سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پايدىلىنىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن بىر كىشى. ئۇ: «پ ي د نىڭ پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. بۇ ھەقىقەت ئىككى يىل بۇرۇن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئېلان قىلىندى، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى < CIA> نىڭ دۆلەتلەر دوكلاتىدىمۇ بۇ نۇقتا ئەسكەرتىلىدۇ، بۇ ھەقىقەت» دېدى.

جېيمېس جېفرېي بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى ئەندىشەلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇ: «تۈركلەرنىڭ غەزەپلىنىشىنى توغرا چۈشىنىمەن. بۇ غەزەپلىنىش پەقەت 1984-يىلدىن بۇيان 40 مىڭ كىشىنىڭ پ ك ك نىڭ تېررورلۇقىدا قۇربان بولغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكانىڭ پ ي د|ي پ گ ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ پەيدا بولغان. دەسلەپتە ۋاقىتلىق ۋە تاكتىكىلىق ئىدى، كېيىنچە ئۇزۇن مۇددەتلىك شېرىكلىككە ئايلاندۇردۇق. تۈركلەرمۇ <توختاڭلار، نېمە بولۇۋاتىدۇ> دەپ ئويلاشقا باشلىدى» دېدى.

جېيمېس جېفرېي ھازىر ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بولدى. رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزىدىغان جېيمېس جېفرېينىڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ-داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى قىزىقىش قوزغىغان تېمىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر