كابۇلدا ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 48 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 67 كىشى يارىلاندى.

1033267
كابۇلدا ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا جايلاشقان بىر تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلىندى. ھۇجۇمدا ئۇنىۋېرستېت ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان 48 ئوقۇغۇچى جېنىدىن ئايرىلدى، 67 كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇمنى تالىبان پەيدا قىلدى، دەپ قارالماقتا.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى مەزكۇر ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. يەنە بىر قېتىم بىگۇناھ كىشىلەر ھۇجۇم نىشانى قىلىندى» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ئافغانىستاندا يېقىنقى بىر ھەپتىدە تالىباننىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك كۆپىنچىىسى خەۋپسىزلىك خادىملىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر