پۇتىن كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئويلىغىنىدىن بالدۇرراق بىر ۋاقىتتا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1033147
پۇتىن كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى» دىن نەقىل ئېلىنغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن بالدۇرراق كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 71-يىللىقىدا شىمالىي كورېيەنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتتا بىلدۈرگەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دوستانە ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان خاراكتېردە بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدا مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋە رايوننىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بالدۇرراق بىر ۋاقىتتا، سىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەكچىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ يەنە، ئىككى كورېيە بىلەن موسكۋا بار بولغان ئۈچ تەرەپ ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلندى.

كىم جوڭئۇننىڭمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان پۇتىننىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پىرېزىدېنت پۇتىن ئىيۇن ئېيىدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى سېنتەبىر ئېيىدا رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا مۇنبىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 31-ماي شىمالىي كورېيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا پەيدا بولغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر