يىل بېشىدىن بۇيان جاممۇ كەشمىردىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن كەشمىرلىك قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 241 كىشى ئۆلگەن.

1031813
يىل بېشىدىن بۇيان جاممۇ كەشمىردىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق قوزغىڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 241 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 122 كىشى قوراللىق قوزغىلاڭچى، 63 كىشى پۇقرا ۋە 56 كىشى ھىندىستان ساقچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.  

يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدىكى توقۇنۇشلاردىلا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر