رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قارارىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يولغا قويۇش قارارىنى ئەيىبلىدى.

1032116
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋرو ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېمبارگو يولغا قويۇشنى قارار قىلىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ پات يېقىندا دوللاردىن ۋاز كېچىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنقەرەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ، ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك ئەلچىلەر يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن لاۋروۋ: بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى قانۇنسىزدۇر. پات يېقىندا نۇرغۇن دۆلەت دوللاردىن ۋاز كېچىشكە باشلايدۇ، دېدى.

رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ئۈستىدە توختالغان لاۋروۋ مۇنداق دېدى: «بەزى غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىمىز دىپلوماتىيە ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ قويدى.»

لاۋروۋ يەنە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولاردىن ئورۇن ئالماسلىقىنىڭ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لاۋروۋ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە سوغۇققانلىقنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پانتازىيەلەردىن خالىي ھالدا دىيالوگقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا قارىتا، تۈركىيە ۋە رۇسىيە دائىرلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونلىرى توغرۇلۇق ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر