خىتاي بەسرە قولتۇقىدىكى چوڭ لايىھەنىڭ پېيىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى توتال شىركىتىنىڭ بەسرە قولتۇقىدىكى لايىھەسىنىڭ پېيىىنى سېتىۋالدى.

1030570
خىتاي بەسرە قولتۇقىدىكى چوڭ لايىھەنىڭ پېيىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي فىرانسىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى توتالنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن بەسرە قولتۇقىدىكى جەنۇبىي پارىژ گاز لايىھەسىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن  بۇ لايىھەنىڭ ئەڭ كۆپ ئۈلۈشىگە ئېرىشىۋالدى.

ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرانىڭ ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى مەسئۇللىرىدىن مۇھەممەد مۇستافاۋانىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، لايىھەنىڭ %30 ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ (CNPC)، توتال شىركىتىنىڭ لايىھەدىكى %50لىك ئۈلۈشىنى سېتىۋېلىپ %80لىك ئۈلۈشىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

بۇ لايىھەنىڭ ئۈلۈشىنى سېتىۋالغان خىتاي شىركىتى ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد دوللارلىق بولغان لايىھەنىڭ ئەڭ چوڭ پېيىغا ئىگە بولدى.

ترامپ ھاكىمىيىتى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنلا ئىرانغا ئېمبارگو يولغا قويۇشقا باشلىغانىدى.

ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىشىنى، دۆلەت زايوملىرىنى سېتىشىنى، ئالتۇن ۋە باشقا قىممەتلىك كان بايلىقلىرى بىلەن پولات-تۆمۈر، ئالىيۇمىن، كۆمۈرگە ئوخشاش كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودىسىنى قىلىشىنى ۋە يولۇچىلار ئايروپىلانى ياكى زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان ئېمبارگو لايىھەسى، بۇ يىل 7-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.


خەتكۈچ: #توتال , #CNPC , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر