ئافغانىستان چارەك ئەسىردىن كېيىن ھاۋا ساھەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، ئارىدىن 26 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى.

1029951
ئافغانىستان چارەك ئەسىردىن كېيىن ھاۋا ساھەسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى شاھ ھۇسەيىن مۇرتەزەۋى، 26 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئافغانىستان ھاۋا تەۋەلىكىنى كونترول قىلىش سالاھىيىتىنىڭ چەت دۆلەتلەرنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېڭى رادار سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ھاۋا ساھەسى كونتروللۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مۇرتەزەۋى، سىستېما سايىسىدا ئافغانىستاننىڭ ھاۋا ساھەسىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى باشلىقى مەھمۇد شاھ ھەبىبى، ئافغانىستان ھاۋا ساھەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇ يەنە، يېڭى قۇرۇلغان رادار سىستېمىسىغا 30 مىليون دوللار چىقىم قىلىنغانلىقىنى، رادارنىڭ رېمونت ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى 10 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان كابۇل ئايرودۇرۇمىدىكى كونا رادار سىستېمىسى، 1990 – يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش ئەسناسىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

2001 – يىلى تالىبان تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، ئافغانىستاننىڭ ھاۋا ساھەسى كونتروللۇقى چەت كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، 2014 – يىلى ئافغانىستان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بىر خۇسۇسىي شىركەتكە بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر