ئەھمەدى نىجاد ئىران پىرېزىدېنتىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

ئەھمەدى نىجاد پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ۋە گۇرۇپپىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋىرىشىنىڭ خەلققە زىيىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1029442
ئەھمەدى نىجاد ئىران پىرېزىدېنتىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنى دەرھال ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئەھمەدى نىجاد ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق سۆزىدە، مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن خەلقنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پارچىلىنىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەھمەدى نىجاد، «خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئاساسەن دېگۈدەك نۆلگە چۈشتى» دېدى.

ئەھمەدى نىجاد پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ۋە گۇرۇپپىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋىرىشىنىڭ خەلققە زىيىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «خەلقنىڭ مەمنۇنىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋىرىشنى داۋاملاشتۇرماسلىقىڭىزدۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر