خىتايدىكى كان پارتلاشتا 13 كىشى ئۆلدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 قا يەتتى.

1028751
خىتايدىكى كان پارتلاشتا 13 كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق پانجۇ شەھىرىدىكى جوڭروڭ خەلقئارا ئىشەنچ بىرلەشمە سودا شىركىتىگە تەۋە كۆمۈر كانىدا تەخمىنەن 50 سائەت داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پاتلاشتا ئۆلگەنلەردىن 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

شۇنداق قىلىپ پارتلاش جەريانىدا ئۆلگەن 4 كىشىنى قوشقاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە يەتكەن.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەقىقىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر