كانادا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشمەكتە

كانادا ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قارارلىرىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

1027152
كانادا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرىنىڭ كانادا ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىيا فىرېلەند سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادانىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىر كىرىستىيا فىرېلەند باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلچىمىزنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرى ئەلچىمىزنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. كانادا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، پىكىر ئەركىنلىكى بولۇپ بارلىق ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ھەر دائىم كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىنى دادىللىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز، دىيالوگنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى رولىنىڭ زورلىقىغا ئىشىنىمىز. كانادانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسولخانىسى ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. كانادا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدۇ ۋە دۇنيا مىقىياسىدا بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىنى ياقلاپ كېلىۋاتقان باتۇر ئاياللار ۋە ئەرلەرگە خىزمەت قىلىدۇ.»

سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك دائىرلىرىنىڭ بەزى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا قارىتا كانادا ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كانادانىڭ رىياد ئەلچىسىنى خالىمىغان كىشى ئېلان قىلىپ، 24 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەندىن باشقا، كانادا بىلەن بولغان بارلىق سودا مۇناسىۋىتىنى توڭلىتىپ قويدى.

رىياد ھۆكۈمىتى يەنە كانادا بىلەن مائارىپ ساھەسىدە ئورناتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىمۇ توختاتتى، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كانادانىڭ تورۇنتۇ شەھىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىمۇ بىكار قىلىۋەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر