تالىباننىڭ بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 40 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى بىر ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 40 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1026285
تالىباننىڭ بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 40 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي بازا جايلاشقان ئۇرۇزگان  ۋىلايىتى چىنارتۇ ناھىيەسى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئاختار مۇھەممەد، تېررورچىلارنىڭ تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 40 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر قانچە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر قانچە ئەسكەرنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئاختار مۇھەممەد، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر تۈركۈم تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بازىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر