ھىندونېزىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 91گە يەتتى

ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى لومبوك ئارىلىدا يەر تەۋرەش مەيدانغا كېلىپ 91 ئادەم قازا قىلدى.

1026294
ھىندونېزىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 91گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى لومبوك ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 91گە يەتتى.

مەملىكەتلىك تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى باياناتچىسى سۇتوپو نۇگروھو، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 91گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

لومبوك ئارىلىنىڭ شىمالىي ۋە  شەرقىي قىسىملىرى بىلەن ماتارام شەھىرىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان نۇگروھو، ئاپەتتە نۇرغۇن زىياننىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

لومبوك ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان نۇگروھو، 300دەك ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى نۇگروھو گىلى ئاراللىرىدىن تەخمىنەن 1000 يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇگروھو رايونغا سەھىيە ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلگەن مىڭلارچە ئادەمگە ئەدىيال، چېدىر ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، پىرېزىدېنت جوكو ۋىدودومۇ ئاپەتتە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلىشىدىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە خادىملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەشكە چاقىردى.

يەر تەۋرەشتىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر دۇتتون، ئۆزىنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر دۇتتون سىدنېيدىكى « 2GB » رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېررورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارىلىغا كەلگەنلىكىنى ۋە چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ 12-قەۋىتىدىكى رېستوراندا تاماق يەۋاتقاندا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر