رۇسىيەنىڭ مىڭلارچە شىمالىي كورىيەلىككە ئىشلەش رۇخسىتى بەرگەنلىكى تەنقىد قىلىنماقتا

رۇسىيەنىڭ مىڭلارچە شىمالىي كورېيەلىككە ئىشلەش رۇخسىتى بېرىش ئارقىلىق، ب د ت خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1025078
رۇسىيەنىڭ مىڭلارچە شىمالىي كورىيەلىككە ئىشلەش رۇخسىتى بەرگەنلىكى تەنقىد قىلىنماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «Wall Street Journal» گېزىتى، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، سىنتەبىر ئېيىدىن بۇيان 10 مىڭدىن كۆپرەك شىمالىي كورېيەلىككە رۇسىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە خىزمەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاز دېگەندىمۇ 700 شىمالىي كورېيەلىككە ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلگەن. 

خەۋەردە بىلدرۈلىشىچە، ئامېرىكىلىق مەسئۇللار رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگولىرىنى ئاياق ئاستى قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ب د ت مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2017يىلى سىنتەبىردە شىمالىي كورېيەگە قارىتا ماقۇللىغان ئىقتىسادىي ئېمبارگو قارارىغا بىنائەن شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىشلەش رۇخسىتىغا چەكلىمە قويۇلغان ئىدى. بۇ قاراردا «چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقان شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى، پەقەت مۇددىتى توشقىچىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قەتئىي ئۇزارتىپ بېرىشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددا ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشچە، چەت ئەللەردە 100 مىڭدىن كۆپرەك شىمالىي كورېيەلىك ئىشلىمەكتە ئىكەن.

مۇتەخەسسىلەر كىم جوڭئۇن ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو سەۋەبىدىن قېيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتكە چەت ئەل پىرۇۋىتى كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە ئىشچى يوللىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق يىلىغا 2 مىليارد دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر