مۇتاھھارى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى سىياسىي بايانات بەرمەسلىككە چاقىردى

ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى مۇتاھھارى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1025306
مۇتاھھارى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى سىياسىي بايانات بەرمەسلىككە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى مۇتاھھارى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى مۇھەممەد ئەلى جەئفەرىگە مەكتۇپ يوللاپ، قوماندانلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەكلكىنى ئەسكەرتكەن مۇتاھھارى، «ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسىمۇ – ئۆتكۈزۈلمىسىمۇ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئەگىشىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتاھھارى، قوماندانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ، «بۇ خىل قاراشلار، خەلقكە ۋاكالىتەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ۋەكىل يەنى پىرېزىدېنت تەرىپىدىن بايان قىلىنىشى لازىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 8 – مايدا ئىران بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران تەرىپىدىن 2015 – يىلى ئىمزالانغان «يادرو كېلىشىمى» دىن دۆلىتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تېھرانغا ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، تېھران دائىرىلىرىنى ئالدىنقى شەرتسىز كۆرۈشۈشكە چاقىرغانىدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى جەئفەرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ، ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىران خەلقىدىن ئىجازەت ئالغانلىقىنى كۆرەلمەيسىلەر. سىلەردىن كېيىنكى پىرېزىدېنتلارمۇ بۇنى كۆرەلمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق ترامپنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلغانىدى.

جەئفەرىنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگۈسى بىر ئۇچرىشىش تەلىپىگە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ رازى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېگەندەك ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

رۇھانى ھازىرغىچە ترامپنىڭ تەكلىپىگە قارىتا بىۋاسىتە پىكىر بايان قىلمىدى.

رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر