ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 3 رۇس ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقان رۇسىيەلىك 3 ژۇرنالىست كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

1023687
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 3 رۇس ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مەنبەلەردىن تەكىتلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقان 3 رۇس ژۇرنالىستنىڭ جەسىتى تېپىلغان. ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقان ئەسنادا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن توختىتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ژۇرنالىست ئورھان جەمال، ئوپېراتور كىرىل رادچېنكو ۋە رىژىسسور ئالېكساندېر راستورگۇيېۋ ئىسىملىك رۇسىيە پۇقرالىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلار، ياللانما رۇس ئەسكەرلەر دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «ۋاگنېر گۇرۇپپىسى» ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن خېلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا بايانات بېرىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، رۇسىيە پۇقراسى، دەپ قارىلىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى پىلانلىغۇچى شىركەتنىڭ باياناتىدا، «كەلگەن خەۋەرلەرگە ئىشىنىشنى خالىمايمىز. بىراق، بۇنىڭ بىر خاتالىق بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر ئۈمىدىمىز قالمىدى. ئورھان، كىرىل ۋە ئالېكساندېرنىڭ يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر