ترامپ ھەسەن رۇھانى بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1022815
ترامپ ھەسەن رۇھانى بىلەن ئالدىنقى شەرت قويماستىن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتېنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىران توغرىسىدا توختىلىپ، رۇھانى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «ئىران خالىسا، چوقۇم كۆرۈشىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ ھەممە ئادەم بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «باشقا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىشتە بىر مەسىلە يوق. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر بىلەن، بىرەر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىش، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، كۆرۈشىمەن. بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم» دېدى.

ترامپ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، ماي ئېيىدا 2015 – يىلى 14 – ئىيۇلدا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىمزالىنىپ، 2016 – يىلى 16 – يانۋاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان «كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» ناملىق «يادرو كېلىشىمى» دىن چېكىنگەنلىكىنى ۋە ئىرانغا ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ترامپ دائىرىلىرى، ئىتتىپاقداشلىرىنى نويابىر ئېيىغىچە ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە قىستىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر