بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
1019617
![بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1d78/37e7/d2a7/5b2f39248014f.jpg?time=1718934419)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەلچىخانا ئالدىدا پارتلاش بولغانلىقىنى، رايوندىن قويۇق ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بېيجىڭ ساقچىلىرى، ۋەقە توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.