رۇسىيە ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1018125
رۇسىيە ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلىگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى خالايمىز. ئايلاردىن بۇيان غەربىي جەنۇب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنىڭ دائېش ۋە نۇسرە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىشى يولىدا ۋاشىنگتون تەرەپ ھېچقانداق ئىش قىلمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر