كانادادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھۇجۇمچى بىلەن قوشۇلۇپ 2 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.

1017433
كانادادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ھۇجۇم، يەكشەنبە كۈنى كەچ شۇ جاي ۋاقتى 22:00 ئەتراپىدا تورونتو شەھىرىنىڭ دانفورس ۋە لوگان كوچىلىرى جايلاشقان «يۇنان مەھەللىسى» دە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ساقچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ھۇجۇمچى بىلەن قوشۇلۇپ 2 ئادەم ئۆلگەن، بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 13 ئادەم ئوق تېگىپ يارىلانغان.

تورونتو ساقچى مۇدىرى مارك ساندېرس، ئوق تەگكەن بىر ئايالنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە بىر كىچىك قىزنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچى باياناتچىسى مارك پۇگاش بولسا، ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىشقا بالدۇرغانلىقىنى قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر تورونتو ستار گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قارا كىيىملىك بىر ئەرنىڭ كەم دېگەندە 20 پاي ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاپرېل ئېيىدىمۇ تورونتو شەھىرىدە بىر ئايال ھۇجۇمچى ئاپتوموبىلىنى يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ، 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.


خەتكۈچ: #كانادا , #ھۇجۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر