خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن يىلىغا ئون مىڭلىغان كىشى ئۆلمەكتە.

1017856
خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013يىلى ئېلان قىلغان ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ھەرىكەت پىلانىدا بەلگىلەنگەن بارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان.  

بېيجىڭ خەلق سالامەتلىكى فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىلىرى 2013يىلىدىن 2017يىلغىچە خىتاينىڭ 74 شەھىرىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ خەلق سالامەتلىكىگە يەتكۈزگەن تەسىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا ھاۋا ساپلىق سۇپىتىنى ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلغان.

ئانالىز نەتىجىسى، 2013يىلىدىن 2017يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، «PM 2,5»، «PM 10» سەۋىيەسدىكى گۈڭگۈرت دىئوكسىد مىقتادىنىڭ رەت بويىچە %33.3، %27.8 ۋە %54.1 تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 

مۇتەخەسسىسلەر 2017يىلىدا، 2013يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 47 مىڭ كىشى ئازايغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خەلق سالامەتلىكىنى ئاسراش جەھەتتىن مۇھىن ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە، خىتايدا ئوزون دىئوكسىد ۋە نىتروگىننىڭ تارقىلىشىنى توسۇش تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تەتقىات نەتىجىسى «Lancet Planetary Health» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر