ب د ت غەززە ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1014743
ب د ت غەززە ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى جامىئې ماكگولدرىك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان چەكلىمىلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىدىن كېيىن رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەننلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى بولغان كېرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىلىشى ۋە تەبىئىي گاز بىلەن يېقىلغۇ كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق ئېمبارگولىرىنىڭ  تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ماكگولدرىك، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 9 – ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋە دۈشەمبە كۈنى يېڭىلىرىنى ئىلاۋە قىلغان ئېمبارگولارنىڭ ، رايوننىڭ ساغلاملىق ساھسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قويغان ئېكسپورت ئېمبارگوسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرماننىڭمۇ ئىككىنچى قېتىملىق يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر كېرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىدىن غەززە رايونىغا تەبىئىي گاز بىلەن يېقىلغۇ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى، چېگرا ئېغىزىدىن پەقەت دورىلارنىڭلا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى توغرۇلۇق ئارمىيەگە پەرمان چۈشۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى. بۇ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ھاماس تەرىپىدىن غەززەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوتلانىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قارارى دائىرىسىدە تاشلىغان قەدىمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر